خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- نويابىر، ئىراقنىڭ مەۋسىل شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىدا ئاھالىلەر ئۇرۇش رايونىدىن ئايرىلىپ، ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ۋاقىتلىق لاگېرغا بارماقتا .
ئىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 1- نويابىر بىر پارچە باياناتتا مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ھەربىي قىسىم «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىدىغان خەلقئارا ئىتتىپاقداشلار ۋە ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، مەۋسىل شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گۇكجا رايونىنى قايتۇرۇۋالدى، ھەربىي قىسىم شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە شەھەر تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلەيدىكەن.
بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى