باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.11.01 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 31-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى؛ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى بېكىتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى تېخىمۇ ئاشكارا، ئۈنۈملۈك بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار كېيىنكى ئىككى ئاي ھالقىلىق ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزىتىشى كېرەك. بىرىنچى، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك جەريانىدا ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بىرگە تېگىپ ھەممىگە تەڭ تەسىر كۆرسىتىش نۇقتىلىق مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم قۇرۇلۇش، ئەلئارا سېلىنمىنى جەلپ قىلىپ، داۋالاش-كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كاپالەتلىك ئۆي، نامراتلارنى يۆلەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئېھتىياج قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆججەت چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەل قاراشتەك ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ، «يىغىن، ھۆججەتنىڭ كۆپ بولۇشى»نى يەنىمۇ تۈزىتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېزلىتىپ، بىر-بىرىگە توساق قويۇپ تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلاردىكى خادىملارنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ياخشى، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن جايلار ۋە تارماقلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يەرلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى بۇلتۇرقى ئالتە تۈردى 24 تۈرگە كۆپەيتىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، مالىيە سېلىنمىسى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زايومى تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىشنى قالايمىقان قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار كۈچنى يىغىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، «13-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ھاسىل قىلىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر