باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.11.01 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى تەرەققىياتتا بىخەتەرلىكنى بەدەل قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ دەيدىغان قىزىل سىزىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر