باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-، 5-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.11.02 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكومىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى بېكىتىلدى؛ چوڭ يىغىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە ) ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-ىۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-، 5-قېتىملىق يىغىنى 1- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى.

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 9 -نۆۋەتلىك پارتكوم ئەزالىرىنىڭ تەييارلىق سايلىمى نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 -نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تەييارلىق سايلىمى نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ كاندىدات ئەزالىرى تەييارلىق نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، ئىسىملىكنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق سايلام ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  1-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ كاندىدات ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلىمى نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتكومىنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ رەسمىي نامزات ئىسىملىكى بېكىتىلدى؛ چوڭ يىغىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)غا قاراپ چىقىلىپ، بۇ ئىككى قارار (لايىھە)نى ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر