باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى تەڭشەلدى

تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تېگىدىغان مائاش ئۆسۈشى مۇمكىن

2016.11.02 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانى تەڭشىلىدىغان بولدى. گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان «نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىر»دە، شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانىنى ئىستاتىستىكىلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سىقىپ چىقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئىستاتىستىكىلاش دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق، تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تېگىدىغان مائاشمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر