باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2016.11.02 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، ھەم مۇھىم ساھە، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم سىناق نۇقتىسىنى تۇتۇپ، ھەم ئاچقۇچلۇق سۇبيېكت، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق ئومۇمىيەتكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «يېشىل ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلغان يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىسلاھات لايىھەسى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»، «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر»، «ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە مەھكەم ساقلاش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىر»، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كوللېگىيەسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس»، «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش توغرىسىدا پىكىر»، «مەمۇرىيەتتە سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»، «شەخسلەرنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»، «تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىر تۇتاش بېكىتىپ تىزىملاش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»، «دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر