باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېي جىشياڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى

2016.11.02 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 1- نويابىر ئىچكى يىغىن ئېچىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، ھازىرقى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېي جىشياڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىندا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن شياۋخۇا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋېي جىشياڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەنلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىلا، ۋېي جىشياڭنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كوماندا يېتەكچىسى فۇ يۈيپېي قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھەقىقىي ئىسمى بىلەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا پاش قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ خەۋەرلەردە پاش قىلغان مەزمۇنلار بولسا، ۋېي جىشياڭ خىزمىتىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، ئۇنىڭ پىكرى بىلەن قارشىلىشىپ قالغان خىزمەتداشلىرىغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ، نەق پۇللۇق پارا ۋە قىممەتلىك باھالىق سوۋغات قوبۇل قىلغان دېگەندەك قانۇنسىزلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ۋېي جىشياڭ ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان.

  بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر