باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېن جەنمىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، لو زۇڭيى مائارىپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2016.11.02 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تور بېكىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، 2016- يىلى 21- ئۆكتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا بىنائەن، يولداش جېن جەنمىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش شۈ ۋېيشىن (ئايال) مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 2016- يىلى 9- ئۆكتەبىر، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ئىشلىرى ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يولداش لو زۇڭيىنى مائارىپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى ۋە يولداش جېن جەنمىننىڭ مائارىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنى قارار قىلدى.

  2016- يىلى 21- ئۆكتەبىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش لو زۇڭيىنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر، دەپ بېكىتىشكە تەستىق سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر