باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە تاراتقۇلىرى: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ھەلەپتە زەھەرلىك گاز بومبىسىنى ئىشلەتتى

2016.11.02 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە تاراتقۇسى شام قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر شۇ كۈنى شىمالدىكى شەھەر ھەلەپكە ھۇجۇم قىلغاندا زەھەرلىك گاز بومبىسىنى ئىشلىتىپ، بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشنى، ئۇندىن باشقا 36 كىشىنىڭ ھوشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ تاراتقۇنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى كۈن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر 29- ئۆكتەبىر ھەلەپ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئاساد رايونىدا ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان ئاساد ھەربىي ئىنستىتۇتىنى قورشاۋغا ئالغان. 30- ئۆكتەبىر ھەربىي ئىنىستىتۇتقا ھۇجۇم قىلغاندا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر زەھەرلىك بومبا ئىشلەتكەن. بۇ تاراتقۇنىڭ ھەلەپ شەھەرلىك قانۇن دوختۇرلىرى تارمىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر خىلور گازىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر