باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.11.02 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كانادا 30- ئۆكتەبىر بىريۇسسېلدا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كانادا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رونكى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو ۋە كانادا زۇڭلىسى تېرودو بىرلىكتە ئونىۋېرسال ئىقتىساد ۋە سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئونىۋېرسال ئىقتىساد ۋە سودا كېلىشىمى ياۋروپا ئىمزالىغان ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان سودا كېلىشىمى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئېشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى دەۋر ئاچىدۇ. ئونىۋېرسال ئىقتىساد ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كىيىن بىر قىسىم مەزمۇنى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئەڭ بۇرۇن بولغاندا 2017- يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تاموژنا بېجىنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرى ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ، بىراق كېلىشىمنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كانادا 2009- يىلدىن باشلاپ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى باشلىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر