باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ دوستلۇق ئورمىنى ئېكولوگىيە تۈرى باشلاندى

2016.11.02 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بېرما دوستلۇق ئورمانى ئېكولوگىيە تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى 30- ئۆكتەبىر بىرمىنىڭ پايتەختى رانگۇندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوڭ لىياڭ، بىرمىنىڭ تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى ۋۇ ۋېڭۋېن قاتارلىق ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىرلىكتە دوستلۇققا سىمۋول قىلىنغان كۆچەت تىكتى.

  خوڭ لىياڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېرما يېقىن دوست قوشنىلار، بىز تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، شۇنداقلا ئېكولوگىيە ئورتاق گەۋدىسى، بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىكتە قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

  ۋۇ ۋېڭۋېن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرمىنىڭ ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئازايدى، بېرما ئورمانلىق كۆلىمىنى تىرىشىپ كۆپەيتمەكتە، پىلان بويىچە 2017- يىلدىن 2026- يىلغىچە ئورمانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پىلانىنى يولغا قويماقچى، بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر