خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- نويابىر چۈشتىن كېيىن، زۇڭلى لى كېچياڭ قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە يېتىپ باردى، قىرغىزىستان زۇڭلىسى جېنبېكوف ئايرودۇرۇمنىڭ ئەزىز مېھمانلار زالىدا زۇڭلى لى كېچياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ياڭراتتى، لى كېچياڭ جېنبېكوفنىڭ ھەمراھلىقىدا، قىزىل پاياندازنى بويلاپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى