باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كونتې بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.04 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 2-نويابىر خەلق سارىيىدا گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كونتې بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گىۋىنېيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتتى، ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىرى بىر بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللىشىپ، سەمىمىي دوستلار ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلىق شېرىكلىرىگە ئايلاندى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ كونتېنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گىۋىنېيە خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھەققىدىكى سىياسەت ۋە قانۇن مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن گىۋىنېيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كونتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر