باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.04 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتەك دوستانە مۇناسىۋىتىدە، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق فاڭجېنىدا، قويۇق ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، يول قويۇشتەك ھەمكارلىق شەكلىدە چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولدى. جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ دائىملىق ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي ئېقىمى ۋە چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، مالايسىيا بىلەن 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك قاتلىمىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق مېھىر - مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  نەجىب ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ: ئەمەلىيەت جۇڭگو تاللىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دەپ تەكىتلىدى. نەجىب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنىلار ۋە ئىشەنچلىك دوستلاردىن. ھازىر مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. مالايسىيا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ كەڭ قوللاشقا ئېرىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆردى، مالايسىيا جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، تىرانسپورت، پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مالايسىيا جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر