باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ھەردەم قەلبىمىزدە

2016.11.03 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر ساھە، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا ئېرىشكەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بەس - بەستە بايان قىلىشتى. ئۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قىلىۋاتقان چەكسىز غەمخورلۇقى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزدى. ۋەكىللەر مەيلى قايسى تېمىدا سۆز قىلسۇن ياكى قايسى نۇقتىدىن پىكىر بايان قىلسۇن، ھەممىسىدە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى روشەن ئەكس ئېتەتتى.

  خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ۋەكىل تۇرسۇنجان مەنسۇر ئېغىر بېسىق، كەم سۆز كىشى بولسىمۇ، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل سۈپىتىدە مۇخبىرلارغا يۈزلەنگىنىدە، ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بەھۇزۇر ئوتتۇرىغا قويدى:

  −− مەن خوتەن شەھىرىدىن كەلگەن تازىلىق ئىشچىسى. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم ھەم «دوكلات»نى ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. بىر قانچە يىلدىن بۇيان خوتەن شەھىرىنىڭ قىياپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شەھەر مۇھىتىمۇ گۈزەللەشتى. تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، مائاش - تەمىناتى ۋە باشقا كاپالەتلىرى ئۆسۈپ، ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم بولدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىزگە ھەر كۈنى ھەقسىز ناشتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. «دوكلات»تا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدە خەلقنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىدىغان ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، بۇنىڭدىن ھەممىمىز مىننەتدار.

  ۋەكىل ئايىشە ئابدۇكېرىممۇ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئاممىنىڭ بۇ خىل خۇشاللىقى ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى دائىم ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى يېزىنىڭ داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى، داۋالىنىش مۇھىتى، يول، توك، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ھازىر ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى كۈچەپ ئىشلىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇلار پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قەتئىي ئىرادىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. يېزىمىزنىڭ شىپاخانىسىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى شارائىتىمىز ياخشى بولمىغاچقا، ھامىلىدار ئاياللار شىپاخانىمىزدا يەڭگىشنىمۇ خالىمايتتى. ھازىر ئۇلار شىپاخانىدا يەڭگىسە، ھېچقانداق ھەق تۆلىمىگەننىڭ ئۈستىگە، 500 يۈەندىن ياردەم پۇلى ئېلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، بۇنداق ئەۋزەل، ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئۇلارنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى، ھەقىقەتەن بۇ شارائىتلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا يارىتىپ بەردى.

  ۋەكىل، قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابلەت ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، بولۇپمۇ يەسلى مائارىپىنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەمىزنىڭ مائارىپىدا مەيلى قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتال شارائىتى بولسۇن، كۆپ ياخشىلىنىش بولدى، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي بىلىم ۋە «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەشتە پارتىيەنىڭ چاقىرىقى كۈچلۈك، ياردىمى دەل جايىدا، ئەمەلىي ۋە كەڭ كۆلەملىك بولدى. ئىلگىرىكى يىللاردا ۋىلايىتىمىز، جۈملىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق كۆپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا ئىدى. ئىلگىرى ناھىيەمىزدە بىرلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار ئىدى. ناھىيەمىز ئاپتونوم رايون بويىچە نوپۇسى كۆپ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، مائارىپ ئىشلىرىغا كېتىدىغان خىراجەت كۆپ، ئوقۇتۇش بېسىمى ئېغىر ئىدى. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، مەيلى مەركەز ياكى ئاپتونوم رايوندىن بولسۇن، مائارىپ ئىشلىرىمىزغا زور دەرىجىدە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، قوللاش سالمىقى زورايتىلدى، بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىدە، 2016 - يىلى ناھىيەمىزگە 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، يېڭىدىن ئۈچ تولۇق مەكتەپ، ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، ناھىيەمىزدە 28 مىڭدەك ئوقۇغۇچى ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ئەلۋەتتە، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيەمىز مائارىپىغا سالغان سېلىنمىسى يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭلا ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سالىدىغان مەبلىغى ھەر يىلى %36.4 بويىچە كۆپىيىۋاتىدۇ.

  ۋەكىل روزىمۇھەممەد باقى شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قويۇق نېفىت ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى. ئۇ تۇنجى قېتىم پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلەندى ھەم قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئېنىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. روزىمۇھەممەد باقى خوتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 15 يېشىدا قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن، نېفىتلىككە ئىشقا چۈشكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتا يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا، تۆت پەرزەنتىنى كىچىكىدىن باشلاپلا بىلىمنىڭ قەدىرىنى قىلىدىغان، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان خاراكتېردە چوڭ قىلغان. نەتىجىدە، روزىمۇھەممەد باقىنىڭ بىر ئىنىسى يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بوپتۇ، ئىككى ئىنىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋېتىپتۇ.

  ۋەكىل روزىمۇھەممەد باقى ماڭا مۇنداق دېدى: مەن نېفىت ئىشچىسى بولغىلى 22 يىل بولدى. ئاتا - ئانامنىڭ توغرا تەربىيەسى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى تەربىيە مۇھىتى، شىركەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىم. خىزمەتداشلىرىم، كەسىپداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، خىزمەت ئورنۇمدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتىم. «ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قوللانمىسى»، «ئالىي تېخنىكلارنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش ماتېرىيالى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، كەسىپداشلارنى خەنزۇ تىلى ۋە كەسپى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىدىم. ئىش ئورنۇمدا 16 تۈرلۈك پاتېنتلىق نەتىجە يارىتىپ، «مەملىكەت بويىچە تېخنىكا ماھىرى» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 2016 - يىللىق «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالاندىم. مەن مۇشۇنداق بەختىيار مۇھىتتا چوڭ بولغىنىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. ئىش ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى خىزمەتداشلارغا، ئەتراپىمدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، جەمئىيەتكە كۆپلەپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر