باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2016-يىللىق ھاياتلىق ئىلمىي يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى

2016.11.03 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى.

  تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھاياتلىق ئىلمىي 21-ئەسىرىدىكى مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئىلىم ساھەسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياشىشى، ساغلاملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، ساغلام جۇڭگو 2030-يىل پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھاياتلىق ئىلمىي ساھەسىدىكى تەتقىقات ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشتا كۈندىن كۈنگە مۇھىم ۋە روشەن رول ئوينىماقتا. جۇڭگو ئالىملىرى، كارخانىچىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بىرگە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ھاياتلىق ئىلمىي يىغىنىدىكى ئاساسى تېمىنى چۆرىدەپ، ھاياتلىق ئىلىمىنىڭ زور تەلىپىنى نىشانلاپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىپ، ئىلىمدە تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ياساش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانلار ياشاش تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر