- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ دېجياڭ خەلق سارىيىدا مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىف بىلەن كۆرۈشتى
2016.11.03 15:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ ئالدىنقى كۈنى خەلق سارىيىدا مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىف بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالايشىيا پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىش ۋە قانۇن جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر