- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاك گيۇنخاي ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، يېڭى زۇڭلى نامزاتى كۆرسەتتى
2016.11.03 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 30-ئۆكتەبىر ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي 2-نويابىر رو مۇخيۇن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدىكى مەسلىھەتچى كىم بيوڭجۈننى يېڭى زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.
كورېيە چىڭۋاتەي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جىن گورەن 2-نويابىر مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رو مۇخيۇن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللەردە، كىم بيوڭجۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى سىياسەت ئىشخانىنىڭ باشلىقى ۋە مائارىپ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان، ھازىر كۇكمىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ، مول بىلىمى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى بار، ئىچكى كابېنتقا رەھبەرلىك قىلىپ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان مۇۋاپىق نامزات.
كىم بيوڭجۈن بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن، گيۇڭساكبۇڭ دونىڭ گيۇجۇن گۇندە تۇغۇلغان، لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ رو مۇخيۇن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدىكى يادرولۇق سىياسىي مەسلىھەتچى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر