- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تايلاندنىڭ شىمالىي قىسمىدا 3.6 بال يەر تەۋرىدى
2016.11.03 14:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخباراتىنىڭ خەنزۇچە ئۇچۇرلار مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن، تايلاند دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: مەزكۇر دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى چىڭلەيفۇدا 3.6 بال يەر تەۋرىگەن، ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلاريوق.
شۇ يەر ۋاقتى 2- نويابىر سائەت 3دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى چىڭلەيفۇدا ئىكەن، ھەمدە تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىكەن. تايلاندنىڭ ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەممە قاناللىرى يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئۇلاپ تارقاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر