باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.03 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدىنقى كۈنى خەلق سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن بېرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى مىنئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بېرما تاغ دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە مۇھەببىتى چوڭقۇر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كۆلىمى، ساھە ۋە قاتلاملار ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بېرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بېرمىنىڭ مىللىي يارىشىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بېرمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى ئارمىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر