باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلەتتى

2016.11.03 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ماكىيېف دۆلەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەركىزىنىڭ تور بېكىتىدە، ئالدىنقى كۈنى يېڭى تىپتىكى RS-28 «سارمات» بەلگىلىك قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىرتقى شەكىل لايىھە رەسىمى ئېلان قىلىنىپ، غەرب تاراتقۇلىرىنى قاينىتىۋەتتى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ غايەت زور قىرغىنچىلىق كۈچى بار بولۇپ، بىر تال بومبا بىلەن يەر مەيدانى فىرانسىيە چوڭلۇقىدىكى دۆلەتنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە يېتىدىكەن.

  رۇسىيە 2009-يىلىدىن باشلاپ يېڭى تىپتىكى ئېغىر تىپلىق سۇيۇق يېقىلغۇلۇق قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى باشلىغان. نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «سارمات» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېغىرلىقى 100 توننا ئىكەن، سۇيۇق يېقىلغۇلۇق دېۋىگاتىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 10دىن 15كىچە بۆلۈنۈپ باشقۇرۇلىدىغان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. ئوق بېشىغا ئىلغار بولغان مۇداپىيەنى بۆسۈپ ئۆتۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، ھازىر بار بولغان بارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن نۇرغۇن نىشانلارنى پەرقلەندۈرۈپ ھۇجۇم قىلالايدىكەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 17 مىڭ كېلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي قۇتۇب ياكى شىمالىي قۇتۇبلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر نىشانغا توغرا زەربە بېرەلەيدىكەن.

  ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، «سارمات» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپلا قالسا، رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللار ئامبىرىدىكى يېڭى كوزىرى بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە زور تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇساپىسىنىڭ تېزلىتىلىشىمۇ بۇ سەۋەبلىك غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. رۇسىيە ئارمىيە تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «سارمات» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 2018-يىلىدىن 2019-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىغا سەپلىنىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر