- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەدىكى بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى: ياپونىيەدە «توي قىلغۇسى يوق» ئەرنىڭ سانى تېز كۆپەيگەن
2016.11.03 14:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە مۇستەقىل مەمۇرىي ۋە كالەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ئاپپاراتى 2015- يىلى يىل ئاخىرىدا، 20- ياشتىن 30- ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 4000 نەپەر ئەر-ئايالغا قارىتا توي قارىشى ۋە بالا بېقىش قارىشى توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان، ھەمدە 2009- يىلى 2- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوخشاش تەكشۈرۈشنى سېلىشتۇرغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 20- ياشتىن 30- ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەرلەر ئىچىدە، %12.1چە كىشى ”تېزراق توي قىلغۇسى بار“لىقنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنداقلارنىڭ سانى 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا %5.3 ئازايغان؛ %21.6چە كىشى”توي قىلغۇسى يوق“ لىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنداقلارنىڭ سانى 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا %21.6 كۆپەيگەن. لېكىن 20- ياشتىن 30- ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاياللار ئىچىدە، %25.5چە كىشى ”تېزراق توي قىلغۇسى بار“لىقنى بىلدۈرگەن، %12.9 كىشى”توي قىلغۇسى يوق“لىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەر ۋە ئاياللار ئارىسىدا، ”بالىلىق بولغىسى يوق“لارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ئاپپاراتى بۇنداق ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، «ياشلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن» بولغانلىقىدىندۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر