باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ ئايدىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ

2016.11.03 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دەلىللىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان.

  جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى لىن يادو شۇ كۈنى مۇخبىرغا: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېپلوماتىيە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىسىتىرلىقى بۈگۈن كەچ ئەلچىخانىمىزغا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چېگراسىغا كىرىشتە ئالدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، چېگراغا كىرگەنلەردىن ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ۋىزىسىز تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈن بولىدىغانلىقىنى، پاسپورتى بارلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۇرۇش ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم 30 كۈن ئۇزارتسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى»، دېدى.

  لىن يادو: بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇش مەزگىلىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىرقىسىم چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرى ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر جۇڭگو پۇقرالىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چېگراسىغا كىرگەن، چېگرادىن چىققان ياكى بۇ جايدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋىزا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، خادىملارغا ئەھۋالنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشپ دەللىشىنى تەلەپ قىلسا ياكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى كۆرسەتسە بولىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر