- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھەنىپە ئالىماخۇن ئاپپاي: مەنمۇ پارتىيەگە كىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن
2016.11.03 14:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر كىچىك ناھىيە، بۇ يەردە 77 ياشلىق ھەنىپە ئالىماخۇن ئېسىملىك بىر موماي بار. 2009-يىلى، ھەنىپە ئالىماخۇن گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، شىنجاڭدىكى 10 چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئانا بولۇپ باھالاندى؛ 2010-يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس شەرىپىگە نايىل بولدى. بۇ ئادەتتىكى بىر موماي نەچچە يىلدىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى بېقىپ، ئۇلارغا بىر ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلدى. ھەنىپە ئانا مۇنداق دېدى : « ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ، ھازىر ھال ـ كۈنۈم بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىراق بىز يەنىلا باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز، پارتىيەنىڭ مېھىرى - شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەن 19 بالامنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى، ئۇلار ۋەتەننىڭ قوينىدا بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھەنىپە ئانا رادىيودىن جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن گەرچە پارتىيە ئەزاسى بولمىساممۇ، لېكىن مېنىڭ يولدىشىم بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۈچ بالاممۇ پارتىيە ئەزاسى، مەنمۇ پارتىيەگە كىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر