باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2016.11.03 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئالدىنقى كۈنى خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور، جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن مالايشىيانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى باغلاشتۇرۇپ، كۇئانتان باغچە رايونى، مالاككا دېڭىز بويى كەسپى باغچە رايونى قاتارلىقلارنى سەھنە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، ، تۆمۈر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى مالايشىيا تارماق مەكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي ئورنىنى قوللايدۇ، مالايشىيا بىلەن ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  نەجىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرماقتا، كۇئانتان باغچە رايونى، مالاككا دېڭىز بويى سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مالايشىيا جۇڭگو بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، مەزكۇر رايوننى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا نەجىپ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، سۈپەت تەكشۈرۈش، باج، تاموژنا، دۆلەت مۇداپىئىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇشقا شاھىت بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر