باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى

2016.11.03 15:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

  يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىققان، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سەبكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

  بۈگۈن قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 725 كىشى بولۇپ، قاتناشقىنى 718 كىشى، بۇ بەلگىلىمىدىكى سانغا ئۇيغۇن.

  بېلەت نازارەتچىلىرى ۋە باش بېلەت نازارەتچىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئىمزاسىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 81 ئەزا، 17 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 47 ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.

  سائەت 13 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، چېن چۈەنگو ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  ئاندىن كېيىن قۇرۇلتايدا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گۈزەل پىلان تۈزۈلۈپ، يېڭى مۇساپە باشلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى تىرىشىپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. تىرىشىپ ئىناق - ئىتتىپاق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا مۇجەسسەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولاتتەك سېپىلنى مۇستەھكەملەش كېرەك. باي - باياشات شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت مۇھىم ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى كۈچەپ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەرلىك مەنىۋى ئوزۇق ۋە مول مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئىگە قىلىپ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان، ساغلام ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، زامانىۋى، مەدەنىيلىك قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھېسسىيات، مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەلرايىغا ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، بەرگەن ۋەدىنى چوقۇم نەقلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق ئىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزگىرىشنى ئاممىغا ھەقىقىي كۆرسىتىپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشىدىغان مائارىپ، ياخشى داۋالىنىش شارائىتى، تولۇق ئىجتىمائىي كاپالەت، ئازادە تۇرالغۇ، قولايلىق قاتناش ۋە گۈزەل مۇھىتتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغۋار نىشان بىزگە ئىلھام بەرمەكتە، مۇقەددەس بۇرچ بىزنى چاقىرماقتا. شۇڭا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، جەڭگىۋار روھ، پۇختا ئىستىل بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قەدەممۇ قەدەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتەك ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتايلى!

  سايلامدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار؛ ئىلگىرى ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم رەھبەرلەر؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر