باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» ئېلان قىلىندى

2016.11.03 15:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»نى ئېلان قىلدى.

  «مىزان» ۋە «نىزام»دا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى يېڭى تەجرىبىسى، يېڭى نەتىجىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، شۇنداقلا يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ بىرقاتار يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئاساسىي قوللانمىسى بىلەن تەمىنلەندى. بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «مىزان» ئۈچ چوڭ بۆلەك، 12 قىسىمغا بۆلۈنگەن. 1 - بۆلىكى ئومۇمىي بايان تەرىقىسىدىكى مۇقەددىمە بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم رولى ۋە تارىخىي تەجرىبىسى، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپە، شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى شەرھلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ نىشان - تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2 - بۆلىكى بايان، يەنى ئاساسىي قىسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەكلىمە قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت 12 جەھەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېنىق تەلەپ ۋە كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 3 - بۆلىكى خاتىمە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، ھەيدەكچىلىك - تەكشۈرۈشنى، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەنگەن.

  «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 47 ماددا بولۇپ، ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. 1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 1 - بۆلەكنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، توققۇز ماددىغا ئايرىلغان. ئاساسلىقى نىزام چىقىرىش مەقسىتى ۋە ئاساسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. 2 - بابتىن 5 - بابقىچە 2 - بۆلەكنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ بۆلەك نىزامنىڭ ئاساسىي قىسمى، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتى، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نازارەتچىلىك سۇبيېكتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا مۇناسىپ نازارەت قىلىش تۈزۈمى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان. 6 - بابتىن 8 - بابقىچە 3 - بۆلەكنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 11 ماددىغا ئايرىلغان، ئۇنىڭدا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش، تۈزىتىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئايرىم - ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش، <ج ك پ نىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)>غا پىكىر ئېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچقان، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى سەككىز ئاي ۋاقىتتا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، تەكرار مۇزاكىرە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ مەزگىلدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھۆججەتنىڭ نۇسخىسىنى ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقتى. 8 - ئاينىڭ بېشىدا ھۆججەتكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى پارتىيە ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدە تارقىتىلىپ پىكىر ئېلىندى، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىندى، يەنە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلاردىن مەخسۇس پىكىر ئېلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىشقا ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا بۇيرۇدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ئىككى ھۆججەت نۇسخىسىغا مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا «مىزان (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ۋە «نىزام (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشتا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزان»نىڭ ئاساسىي روھى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»نىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر