باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش تارىخىي ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك

2016.11.03 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سىرتتىن قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ھازىردىن باشلاپ 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش تارىخىي ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپە، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىزگە تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيەت.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ھازىر يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرماقتا. بىز چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن خىزمەت ۋە ئىشلىرىمىزغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىجائەتلىك - ياراملىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئۇلۇغ بايراقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. «تۆت ئاڭ»، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىمىز، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، تېز تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، بىر قولدا زوراۋان - تېررورچىلار، جىنايەت شايكىلىرى ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى، بىر قولدا ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خاس - ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلەندۈرۈشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھال - دەردىگە يېتىشنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى خەلققە پايدا، نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى داۋاملىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور دەرىجىدە نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بەشىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دەپ قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى، ئىناق ئۆتۈپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك رايون قۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، دىنلار ئىناقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نىزاملارنى ئىلمىي چىقىرىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  سەككىزىنچىدىن، ئىلغار مەدەنىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى قەتئىي ئىگىلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  توققۇزىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سانائەتتىكى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تاغ - دەريالىرى گۈزەل، ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە باي، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئونىنچىدىن، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكومنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - 6 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرەيلى! 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر