باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىيات −− سىجىل تەرەققىيات

2016.11.03 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  −− يولداش چېن چۈەنگونىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا ئېكولوگىيەنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر 1 - ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تۈپ گۈل - گىياھىنى، تاغ - دەريالىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزدىن تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزگەندە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، −− دېدى ۋەكىل، چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زۇ يىۋېي گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى جەريانىدا «دوكلات»تا باشتىن - ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. زۇ يىۋېي مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا ئېيتىلغاندەك، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ دائىم ياپيېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈپسۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پىلانلىغاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ «گۈل بايرىمى» ئۆتكۈزۈۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولدى، بۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. چاغانتوقاي ناھىيەسى تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت گارمونىك بىرلەشكەن تەرەققىيات يولىنى تۇتقاندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، چاغانتوقاي ناھىيەسى ھازىر مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتە سىناق نۇقتا قىلىنغان ناھىيە بولۇپ قالدى.

  زۇ يىۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغانتوقاي ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ساياھەت كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپتۇ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يېشىل، ئورگانىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپتۇ.

  ۋەكىل، لوپنور ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم سۇلايمان ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا ئىشلەپچىقىرىش يۈكسەلگەن، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ئاستىراق تەرەققىي قىلسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماي، تاغ - دەريالىرى گۈزەل، ئادەمىيلىكى كۈچلۈك، ئىناق بولغان، ياشاشقا باپ كېلىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېكولوگىيەسى مەدەنىي شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ھەم ئېكولوگىيەسى ياخشى، ھەم ھەر مىللەت ئامما باياشات ياشايدىغان ناھىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئويلايدىكەنمىز، دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، شۇنداقلا «دوكلات» بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز ناھىيەمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتكەندە، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ھازىر بار بولغان كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ھەم ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىنى جانلاندۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى يېشىل تەرەققىيات يولىغا تايىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلىدۇق.

  −− قومۇل شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقى ناھايىتى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا تولىمۇ باپ كېلىدۇ، −− دېدى ۋەكىل، قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەن، −− ئاراتۈرۈك ناھىيەسى بىلەن باركۆل ناھىيەسى ئورگانىك يېزا ئىگىلىك بازىلىرى ھېسابلىنىدۇ. «دوكلات»تا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئورگانىك مەھسۇلات دېگەن داڭقىنى چىقىرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دېيىلدى. ھازىر قومۇل شەھىرىدە يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بىز قومۇلنىڭ بۇ جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ قېزىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى تېخىمۇ زورايتىش، قومۇلنىڭ يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئىشىنىمىزكى، دوكلاتنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي ماڭساق، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر