باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلماي بولمايدۇ

2016.11.03 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا 2020 - يىلىغا بارغاندا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون بويىچە نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تېمىلاردا بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىپ، «ھازىرقى ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە يېڭى تەپەككۇر ۋە ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك» دېيىشتى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھىم نۇقتا. بۇنىڭغا قارىتا، ۋەكىل، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئۆمەرجان ئاۋۇت مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش، 2020 - يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون بويىچە نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بىز ناھىيەمىزدىكى 14 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز، جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ۋەكىل، تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئازادگۈل قارى مۇنداق دېدى: بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەدەم - باسقۇچلار بويىچە يولغا قويۇش، جۈملىدىن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇندايمىز.

  «دوكلات»تا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى ياشاش شارائىتى ناچار رايونلاردىكى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، چېگرا رايونلاردىكى نامرات ئاھالىگە قارىتىلغان ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ چېگرا رايوندىن باشقا جايلاردىكى ياشاش شارائىتى بىر قەدەر ناچار، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەس بولغان ئاممىنى پائال شارائىت يارىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي شەھەرلەر، كىچىك شەھەر - بازارلار ۋە قاتنىشى قولاي جايلارغا كۆچۈشكە يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ۋەكىل، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مېھرىگۈل ئۆمەر مۇنداق دېدى: بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزدۇق. مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، تەرەققىيات تېز بولىدۇ. ناھىيەمىزدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتە ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. بۇنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن، پارتىيەنىيڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز كەلگۈسى بەش يىلدا، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم قىلىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەپ ۋە خەلقنى بېيىتىپ، ئاممىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى −− پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما، نامراتلارنى يۆلەش ۋە بېيىتىشتا نوقۇل تاشقى ياردەمگىلا تايىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

  ۋەكىل، تولى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇ جاۋبىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتكۈل جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئاتلاندى. ناھىيەمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ %80ى قازاق چارۋىچىلار. بۇ يىل بىز ئاساسىي كەسىپ بولغان چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز ھەم نامرات ئائىلىلەرنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز.

  ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ما چېڭ بۇ ھەقتىە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئاساسەن شەكىللەندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى مۇھىم ھالقا −− ھەر ساھەدىكىلەر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا. بۇنىڭدىن باشقا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەت، تەدبىرلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىغىلى ھەم پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر