باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى نەنچاڭدىكى بىر تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى تەكشۈرۈلدى

ئۇنىڭ 149 يۈرۈش ئۆيى بارلىقى ئېنىقلاندى

2016.11.04 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 3- نويابىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، نەنچاڭ شەھىرى گاۋشىن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ لىنباۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا بولغان نەنچاڭدىكى ئۆيلەرنىڭ جەمئىي 149 يۈرۈش ئىكەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېقىندا «گاۋشىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ لىنباۋنىڭ 300 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بارلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇر جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. نەنچاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، شۈ لىنباۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋالغان ۋاقتى 1995- يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولۇپ، سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئومۇمىي باھاسى 110 مىليون يۈەن ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇ نەنچاڭ رايونىدىكى بانكىلاردىن ئالغان 96 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرزنى قايتۇرمىغان.

  بۇ يىل 10-ئاينىڭ 5- كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى گاۋشىن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۈ لىنباۋغا قارىتا خىزمىتىنى توختىتىش قارارى چىقاردى. ئارقىدىن، نەنچاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ ئىشنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، شۈ لىنباۋنىڭ كۈيئوغلى لوڭ يۆۋۇ ئىناۋەت كارتىسى ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15-كۈنى، ج خ ئورگانلىرى لوڭ يۆۋۇنى قولغا ئالغان، 10-ئاينىڭ 25- كۈنى، تەپتىش ئورگانلىرى ئۇنى قولغا ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەستىقلىغان. نۆۋەتتە، تەپتىش ئورگانلىرى شۈ لىنباۋ، لوڭ يۆۋۇنىڭ مەبلەغ توپلاش، ئالدامچىلىق يىپ ئۇچىنى ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ج خ ئورگانلىرى دېلونى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر