- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرى ھەمكارلىشىپ تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى
116 تۈر ئىمزالىنىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 130 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
2016.11.04 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايونلار مەبلەغ سېلىش بويىچە چۈشەندۈرۈش يىغىنى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 3-نويابىر چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر (ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى «بىر بەلباغ- بىر يول» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرى، مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئورتاق تونۇشتۇرۇپ، نەقمەيداندا 116 تۈرنى ئىمزالىدى، مەبلەغ سېلىش بويىچە وۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى 130 مىليارد 944 مىليون يۈەنگە يەتتى.
16-نۆۋەتلىك غەربىي رايون يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم پائالىيىتى بولغان بۇ قېتىملىق جۇڭگو غەربىي رايون مەبلەغ سېلىش بويىچە چۈشەندۈرۈش يىغىنى «بىر بەلباغ- بىر يول» تېمىسىنى گەۋدىلەندۈردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى كېڭەيتىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىدىغان خەلقئارا سودا ئېغىزى بەرپا قىلىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەربىي رايونلار ئۇل ئەسلىھەلىرى شارائىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئازاد قىلىنىپ، رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە تۈر قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ بۇ قېتىملىق غەربىي رايونلار سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ئىمزالىغان تۈرلىرىنى مىسال قىلغاندا، ئۈچ خىل كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسى نىسبىتى 4.7:41.81:53.49 بولغان، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۈرلەر 197 بولۇپ، ئومۇمىي ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ %23.6نى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر