خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- نويابىر، 16- نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا يەرمەنكىسى (قىسقارتىلىپ «غەربىي رايون يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ) چېڭدۇدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك غەربىي رايون يەرمەنكىسى «جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى. دۇنيانىڭ پۇرسىتى» دېگەن مەزمۇن ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، دۇنيا بويىچە 9000دىن ئارتۇق داڭلىق كارخانىلار بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتناشتى، يەرمەنكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 200مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، 16 دۆلەت بۇ جايدا دۆلەت سارىيى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ دۆلەت سارايلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكى غەربىي رايون خەلقئارا يەرمەنكىلىرىدىن كۆپ بولىدىكەن.
سۈرەتتە: ئاۋىياتسىيە خېنىملىرى كۆرگەزمە سارىيىدا كىشىلەر ئۈچۈن ئۇسۇل تەقدىم قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى