- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
3- نويابىردىن 5- نويابىرغىچە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شەندۇڭدا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىشچان ھاۋا رايى داۋاملىشىدۇ
2016.11.04 15:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3- نويابىر سائەت 12دە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى ۋە جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشچان ھاۋا رايى داۋاملىشىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەردى.
مۆلچەرلىشىچە: بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى قىسىمى، تيەنجىن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسىمى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى قاتارلىق جايلاردا بۇلغىنىشچان ھاۋانىڭ تارقىلىش شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغۇنۇشچان ھاۋا رايى 3- نويابىردىن 5- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 4- نويابىر كېچىدىن 5- نويابىر چۈشكىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 5- نويابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ يۇقىرىقى رايونلاردىكى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي ئاجىزلايدىكەن ياكى توزۇپ كېتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر