باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.04 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ 2-نويابىر بېيجىڭدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى تىنچ تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر ۋە مۇنبەرنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە تەيۋەندە يېڭىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر 1992-يىل ئورتاق تونۇشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىككى قىرغاقتىكى ئەل ئارىسى تەشكىلاتلارنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشى، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىشى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى توپلاش، ھەرقايسى تەرەپتىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا پايدىلىق، يۇ جېڭشېڭ مۇنداق ئۈچ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، 1992-يىل ئورتاق تونۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇمىز، 1992-يىل ئورتاق تونۇشىنىڭ يادروسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئۇ ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساسى، بۇ ئورتاق تونۇش ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئىككى تەرەپتىكىلەرنىڭ ئورتاق قەدىرلىشى، قوغدىشىغا موھتاج. بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇمىز، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  ئىككىنچى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشقا تىرىشىمىز، بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  ئۈچىنچى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قان قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىمىز، بولۇپمۇ ئاساسى قاتلامدىكىلەر ۋە ياشلارنىڭ ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى ۋە ياشلارنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز، قوللايمىز ۋە ئىلھاملاندۇرىمىز.

  كۆرۈشۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ياشلار تېمىسىدا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئىككى قىرغاقتىكى 20ئەل ئارىسى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلاردىن بولۇپ جەمئىي 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر