خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىراقتىكى پۇقرالار خازىل لاگىرىغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، موسۇلنىڭ شەرقىگە 25 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى خازىل لاگىرى تەخمىنەن 3000 پۇقرانى قۇبۇل قىلدى. بۇ، يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى يەككە كۈندە قۇبۇل قىلىنغان پۇقرالار سانى ئەڭ كۆپ بىر كۈن بولۇپ قالدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 3-نويابىر، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى موسۇل ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، 20 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلدى، نۆۋەتتە يەنە تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ پۇقرا ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا ياشىماقتا، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى