باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئاچتى

يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش - ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2016.11.04 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش - ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي بويىچە ئۆگىنىش، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھىي ماھىيىتى، نېگىزلىك مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتكومى ۋە ھەر قايسى ياچېيكىلار ئۆگىنىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، يېتەكچىلىك قىلىش، مەخسۇس مۇزاكىرىلىشىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر بىردەك بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تەۋرەنمەي، قەتئىي ھىمايە قىلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى چۈشىنىپ، ئىدىيەنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپى، يېڭى تەدبىرلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشان بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ھازىرقى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر