خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتاسى جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، تەخمىنەن 30 مىنۇتتىن كېيىن راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاجراپ، مۆلچەرلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئېلىمىزنىڭ توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەۋلاد ئالمىشىپ، قاچىلاش-توشۇش ئىقتىدارىنىڭ خەلقئارادىكى ئىلغار قاتارغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشىدىكى چوڭ دۆلەتتىن ئالەم قاتنىشىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ قەدەم باسقانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر.
ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر زەھەرسىز، بۇلغىمىدىن خالىي، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئاساسلىق تىپى، راكېتاغا دىيامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان ئۆزەك ئىشلىتىلگەن، دىيامېتىرى 3.35 مېتىرلىق تۆت دانە ئىتتىرگۈچ چېتىلغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 57 مېتىر، ئۇچۇش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 8770 توننا، ئۇچۇش ئىتتىرىش كۈچى 1000 توننىدىن ئاشىدىكەن. ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرغا تۇنجى قېتىم ئۆزەكلىك بىرىنچى دەرىجىدىكى 50 توننا دەرىجىلىك ھىدروگېن-ئوكسىگېن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان موتور بىلەن تۆت ياردەمچى ئىتتىرگۈچلۈك 120 توننا دەرىجىلىك ئىككى سۇيۇق ئوكسىگېن-كىرسىنلىق موتورنى ئىشلىتىلىپ بىرىكمە ئۇچۇرۇش لايىھەسى قوللىنىلغان. ئون دانە موتور بىرلا ۋاقىتتا ئوت ئالىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەيرىي تىپتىكى موتورنى ئۇچۇرۇش تېخنىكىسىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى