باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى 22 - قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

بۇ يىلقى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئورۇندايمىز

2016.11.04 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىدىكىلەر 22 - قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەم «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىقلارنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى؛ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئىچكى جەھەتتە ئىدىيەگە سىڭدۈرۈشى، سىرتقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى، ئۇزۇن سەپەر روھىنى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ۋەزىپە - تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن بايان، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بۇ يىلقى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئورۇندىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سۆز - ھەرىكىتىنى «يولغا قويۇش چارىسى» بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر