باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

15 ئۆلكە كارخانىلارنىڭ 2016-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى

2016.11.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى يېقىندا كارخانىلارنىڭ 2016-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلىپ، كارخانا مائاشىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي سىزىقىنىڭ %8، يۇقىرى سىزىق(ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى)نىڭ %12، تۆۋەن سىزىقنىڭ %3 ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

  مۇخبىرنىڭ رەتلەپ بايقىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ تۆۋەن سىزىقى %4؛ خېبېي، شەنشى، تيەنجىن، سىچۈەن، يۈننەن، شىنجاڭ، جياڭشى، گۇاڭشى، شەندۇڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارنىڭ تۆۋەن سىزىقى %3 ئىكەن.

  نىڭشيانىڭ تۆۋەن سىزىقى نۆل بولغان. نىڭشيا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەن كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى نۆللۈك ئاشىدىكەن، لېكىن كارخانىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى ئىچىدە نورمال ئەمگەك قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۆپ جايلارنىڭ بۇ يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. مەسىلەن، شەندۇڭنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى 2015-يىلدىكى %10تىن %8كە، يۇقىرى سىزىقى %18تىن %13كە، تۆۋەن سىزىقى %4تىن %3كە تۆۋەنلىگەن.

  مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشى مائاشنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى مائاشنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر