باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك نەشرىياتچىلىقىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلمەكتە

2016.11.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن شۇشەن مەملىكەتلىك ئىككىنچى قېتىملىق رەقەملىك نەشرىياتچىلىقنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئۈلگە كۆرسىتىش نەقمەيدان يىغىنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك نەشرىياتچىلىقىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەملىكەتلىك ئىككىنچى قېتىملىق رەقەملىك نەشرىياتچىلىقتىكى تىپ ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نەقمەيدان يىغىنى 11- ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە جياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، 200دىن كۆپرەك نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە تاراتقۇ ئورۇنلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئاخبارات- نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ رەقەملىك نەشرىيات مەھسۇلاتلىرى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

  2013-يىلىدىن بۇيان، دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 170 تىپ ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى باھالاپ بېكىتكەن. «تۈردە باشلامچىلىق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، مەركەز كارخانىلىرى باشتا يولغا قويۇش، يەرلىك ئەگىشىش»تەك خىزمەت تاكتىكىسى ئارقىلىق، بو ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تارقىتىش شەكلىدىن يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىگىچە پائال ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر