سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى دروئانت مېھمانخانىسىدا تارتىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى لېيلا سىلمان (ئوڭدا).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق فىرانسىيە گونكورت ئەدەبىيات مۇكاپاتى شۇ كۈنى دروئانت مېھمانخانىسىدا ئېلان قىلىندى، 35 ياشلىق ئايال يازغۇچى لېيلا سىلمان ئۆزىنىڭ «مۇلايىملىق ناخشىسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1903-يىلى تەسىس قىلىنغان گونكورت ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، شۇ يىلى فىرانسىيەدە نەشىر قىلىنغان فىرانسۇز تىلىدىكى ھېكايىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى زور شۆھرەتكە ئىگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئاران 10 ياۋرو (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 74.87 يۈەن) بولسىمۇ، بىراق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاز دېگەندە 400 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى