باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون كوتىدىۋانىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالدى

2016.11.04 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 2-نويابىر كەچتە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، كوتىدىۋانىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالدى، ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كوتىدىۋا 30-ئۆكتەبىر ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندىن كېيىن يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىدى، بان كېمون بۇنى قارشى ئالىدۇ، يېڭى ئاساسىي قانۇن كوتىدىۋانىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. بان كېمون كوتىدىۋادىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي رەھبەرلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر