باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن ئېچىپ،

دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا قۇرۇلتايغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.11.04 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى، ئېچىلىش ئەھۋالى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ھەم خۇشاللىنارلىق ئىش. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدىكى تۆھپىكارلار، شۇنداقلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم بايلىقىمىز. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ۋە نازارەت قىلىشىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى پېڭشىن پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىنى؛ تەجرىبىسىنىڭ مول بولۇشىدەك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىدىغان، مۇجەسسەملەيدىغان خىزمەتنى، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ۋە تۈرتكە بولۇشىنى؛ نوپۇز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، پارتىيەنى قوغداپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلىشى، روھىنى ئۇرغۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يىغىنغا پېشقەدەم يولداشلاردىن ھامىدىن نىياز، بادەي، جانابىل، جاڭ سىشۆ، قېيۇم باۋۇدۇن، فۇ چياڭ، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۇربايىر، ئامىنە غاپپار، مىجىت ناسىر، ما جيەنگو، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ھەسەنبېك تۇردى، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، جاپپار ھەبىبۇللا، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋاڭ يۇۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، لى دۇڭخۇي، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۈنفۇ، ياۋ يۇڭفېڭ، شارىپقان كەرىم، قېزايجان سەيىلخوجا، مەمەتھەسەن توخدالى، ئايۇپ تېيىپ، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، قاسىم مامۇت، چېن جىنچى، ياڭ جاۋجى قاتارلىقلار قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر