باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2016.11.04 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پولات تاۋلاش ئۈچۈن پولاتتەك قاتتىق ئىرادە بولۇشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زىممىسىگە ئالغان يۈكى ئېغىر، مەسئۇلىيىتى چوڭ، شۇڭا، چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، نەمۇنە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  بىرىنچى، قەتئىي سادىق بولۇش، بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. غايە، ئېتىقادنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. توغرا سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «تۆت ئاڭ»، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بايرىقى روشەن بولۇشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى - سىرتى بىردەك، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى ۋە يول قويماسلىقى كېرەك. يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى داۋاملىق ياڭرىتىپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، مەسىلىلەرنى بالدۇر، كىچىكىدىن، تېز تۇتۇپ، ئاۋۋال قول سېلىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، مىللەت، دىن ۋە پەلسەپە، تارىخ، قانۇن، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، خەلقئارا قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، دېموكراتىيە، مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتكومنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، يۆنىلىشنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان ھەرقايسى ساھەلەرگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشى كېرەك. دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىملىرى بىلەن كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش ھەم دېموكراتىيە، ئىنتىزام ھەم ئەركىنلىك، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ھەم شەخسىنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغان جانلىق، ئازادە سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  بەشىنچى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشى، ئىتتىپاقلىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، بىر تەرەپتىن، پارتكوم دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ھەربىي رايون، بىڭتۈەندىن ئىبارەت بىر قانچە بەنزىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىشلەپ، ئىناق - ئىتتىپاق بولۇپ، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەيدىغان ياخشى مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئالتىنچى، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. خەلقنى سۆيۈپ، خەلقنى كۆزلەپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنى خوجايىن دەپ بىلىپ، ئاممىنى تۇغقاندەك كۆرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئوي - پىكرى، خىيالى، ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، ئەلرايىغا ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. خەلققە كۆيۈنۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتتىكى ھەر بىر يولداش بىر نۇقتىلىق ناھىيە، بىر نۇقتىلىق مەسچىت، بىر نامرات كەنت، بىر نامرات ئاھالە بىلەن ئالاقە باغلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  يەتتىنچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىش، راست سۆزلەش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈزەكى ئىش قىلىدىغان، شەكىلۋازلىق قىلىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماسلىقى؛ ئىش تۈرىدىكى پائالىيەتلەرنى ھەقىقىي ئازايتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى؛ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، گەپنى ئاز قىلىپ كۆپ ئىشلەش، دېگەننى قىلىش، قىلغاننى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش ھەم ي−اخشى قىلىش، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك، چاقماقتەك چاققان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشتىن نەتىجە قازانمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان جاسارەت بىلەن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن پارتكوم بېجىرىشنى تاپشۇرغان، ئۆزى مەسئۇل بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دادىل مەسئۇل بولۇپ، پايدا - مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، زىددىيەتلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك جاسارەت بىلەن ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بەرداشلىق بېرىش، غەلىبە قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  توققۇزىنچى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي، چىداملىق بولۇپ، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق، بەتخەجلىك، ئىسراپخورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق خاھىشىنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك. قىسمەنلىكتىن ساقلىنالايدىغان ئىدىيەنى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى؛ «بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇل بولغان سىستېما ۋە تارماقنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. پاك، تەلەپچان بولۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى ساقلاپ، ئۆزىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىشنى پاكىز قىلىپ، پاك ئەمەلدار، دۇرۇس ئادەم بولۇشى كېرەك.

  ئونىنچى، ھۆججەتلەرنى مېغىزلىق تۈزۈپ، يىغىننى ئازايتىپ ئىستىلنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىپ، يىغىننى ئاز، قىسقا ئېچىش، گەپنى ئاز، ساز قىلىش، ھۆججەتنى ئاز، قىسقا تارقىتىش، ئاز تەشۋىق قىلىش، كۆپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆججەتلەر دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى»دىن قۇتۇلۇپ، زېھنىي كۈچىنى مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ كەمتەر، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان، پاك ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر