- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش-ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى يەسلىدە ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەمەلىي مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
2016.11.04 15:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «9- نويابىر ئوت ئۆچۈرۈش-ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات كۈنى»نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، 3- نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى بىر يەسلى مەھەللە ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش- ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يەسلى ئىچىدە بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىنى قوللىنىش دېگەندەك بىر مەيدان ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، يەسلىدىكى بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئوخشاش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، بالىلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاساسىي بىلىملىرىگە ۋە خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قۇتۇلۇپ قېلىش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە قىلدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر