باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا قىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ساياھەتكە چىقىدىغانلار كۆپەيدى

2016.11.04 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساياھەتچىلەرنىڭ قىش پەسىلدىكى سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۈرۈمچىدىن خەيكوغا، سەنيادىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلار يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا جەنۇبقا بېرىپ، ياز ئۆتكۈزۈپ كېلىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، جەنۇبتىكى ساياھەتچىلەر بولسا شىمالغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ قار مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ كېلىشنى تاللىدى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن شىئەن ئارقىلىق خەيكوغا، ئۈرۈمچىدىن جېڭجۇ ئارقىلىق خەيكوغا بارىدىغان لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن جىنەن ئارقىلىق فۇجۇغا بارىدىغان لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى سەنيادىن شىئەن ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە بارىدىغان لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن.شېنجېن ئاۋىياتسىيەسى شېنجېندىن لەنجۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە بارىدىغان لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن.

  ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان شىنجاڭدا قىش پەسىلى ئۇزۇن، قىش ئۆتكۈزۈش سەپىرى ئۈچۈن ئېچىلغان يېڭى لىنىيەلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر قىش پەسىلدە جەنۇبنىڭ ئىللىق پەسىلىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ، جەنۇبتىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ قار مۇزلۇق قىش پەسىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر