باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىلىدۇ

2016.10.08 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدىكى شىنجاڭلىق نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار نەپ ئالىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 6000 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئىگە بولىدۇ.

  يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئاجرىتىپ ھەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئورنى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەق پۇل تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 6000 يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ. ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكت ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن كەلگەن ھەمدە باشقا نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار يېزا ئوقۇغۇچىلىرى، شەھەر بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى ئوقۇغۇچىلىرى، ھەمدە ئىنقىلابىي قۇربانلار، يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان ھەربىيلەر ئائىلىسىدىن كەلگەن شۇنداقلا يېتىم ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت. ياردەم بېرىش دائىرىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان رايوندىكى 82 ناھىيە ۋە 177 تۈەن، مەيداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە؛ 2010-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 19 ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە 9 مىليارد 954 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش تۈرى، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن. ئۆتكەن بەش يىلدا مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %15.3نى ئىگىلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر