باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق يېزا شەھەر ئاھالىسى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2016.10.08 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭلىق شەھەر يېزا ئاھالىسى ھەر يىلى ھەر بىر كىشى بىر قېتىملىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇم خەلقنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر بىر كىشى 100 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەت كۆپ تارماق كۆپ خىل يوللار بىلەن يىغىش ئۇسۇلىدا ھەل قىلىنىدۇ. جايلار، ئوبلاستلار، شەھەرلەر شۇ جاينىڭ ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسى ئىچىدە جىگەر ياللۇغى، سىل كېسىلى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، قاپلىق قۇرت قاتارلىق كېسەللەرنى تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆپەيتىدۇ، مەزكۇر سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى سېنتەبىردە ئالدى بىلەن خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ خىل سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر