باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى 2018-يىلى شەھەر ئىچىنى ھەقسىز WiFi بىلەن قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ

2016.10.08 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە ئاي ئاخىرى يېتىپ كەلدى، يانفون ئابونتلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ھېسابلايدىغان، ئېقىم مىقدارى سەۋبلىك سۈرەت، فىلىم يوللاش، تورغا چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدىغان، ئامال بار WiFi بار جاينى ئىزدەيدىغان ۋاقتى بولدى. بىراق، ئەنسىرىمەڭ، 2018-يىلغا بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى يانفون ئابونتلىرىنىڭ بۇ غېمى خالاس بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو تېلېگرافى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىنى «سىمسىز شەھەر» قىلىپ قۇرۇشتىكى ئۈچ يىللىق پىلان بۇ يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن، 2018-يىلغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ھەقسىز WiFi بىلەن قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن، «سىمسىز شەھەر» قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تورغا چىقىش سۈرئىتى 20M/سېكۇنتتىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

  «سىمسىز شەھەر» بولسا ئەقىل-پاراسەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە مۇھىم بەلگىىسى بولۇپ، ئاساسلىق تېخنىكىلاردىن WiFi، 3G ،4G قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىكەن. جۇڭگو تېلېگرافى بۇ قۇرۇلۇشنى ئۈچ قەدەم بويىچە ئېلىپ بارىدىكەن، يەنى، 2016-يىل ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئاساسىي رايونىدىكى ئاساسلىق سودا رايونى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، سودا چەمبىرىكى قاتارلىق سورۇنلارنى ھەقسىز WiFi بىلەن قاپلاش؛ 2017-يىل ئاخىرىغىچە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، مېھمانخانا-مېھمانساراي، كۆرگەزمە مەركىزى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىشخانا بىنالىرى ۋە سىرتتىكى ئاممىۋى سورۇنلارنى ھەقسىز WiFi بىلەن قاپلاش؛ 2018-يىل ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بارلىق جايلىرىنى WiFi، 3G ،4G قاتارلىقلار بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر